رۇسىيە پېتېرسبۇرگدىكى پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئۇكرائىنانىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) سائىنت. پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە 2-ئاپرېل (2023) يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1974545
رۇسىيە پېتېرسبۇرگدىكى پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئۇكرائىنانىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سائىنت. پېتېرسبۇرگدىكى قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن ۋە بلوگېر ماكسىم فومىن جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 50 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى .ېنىقلاندى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا چەت ئەلگە قاچقان رۇسىيەلىك ئۆكتىچىلەرمۇ بار. فومىن جىنايىتى، ئۇكرائىنانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 1987-يىلى تۇغۇلغان يۇرىي دېنىسوۋ تەرىپىدىن تەييارلاندى. دېنىسوۋ پارتلاتقۇچ ماددا قويۇلغان كىچىك ھەيكەلنى ترېپوۋاغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن. دېنىسوۋ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن فېۋرال ئېيىدا لاتۋىيە ئارقىلىق موسكۋاغا كەلگەن. دېنىسوۋ ۋەقەدىن كېيىن 3-ئاپرېل ئەرمېنىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان. دېنىسوۋنى خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش مۇساپىسى باشلاندى.»

تەكشۈرۈش جەريانىدا، گۇماندار داريا ترېپوۋا 3-ئاپرېل قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان كىچىك ھەيكەلنى قەھۋەخانىغا ئەكەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. موسكۋا رايونلۇق سوتى ترېپوۋانىڭ 2-ئىيۇنغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىنىشىدا ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسنىڭ قولىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بار» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر