رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ب د ت يىغىنىدا بىر - بىرىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قورال ئېكسپورتىغا خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدىكى يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر- بىرىنى ئەيىبلىدى.

1973259
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ب د ت يىغىنىدا بىر - بىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ قورالسىزلاندۇرۇش ئالىي ۋەكىلى ئىزۇمى ناكامىتسۇ رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «قورال ئېكسپورتىغا خىلاپلىق قىلىش» تېمىلىق ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ تەرتىپسىز ياكى قانۇنسىز قورال - ياراغ سودىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىزۇمى ناكامىتسۇ، بۇنىڭ قوراللىق توقۇنۇش، تېررورلۇق ۋە جىنايى قىلمىشلارغا ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل رايونلارنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا غەرب دۆلەتلىرى ئاتالمىش ​​«مەسئۇلىيەتچانلىق» بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇكرائىنادا پەيدا قىلغان كىرىزىسنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ زور خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ يەنە خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان نېبېنزىئا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي مۇئاۋىن ۋەكىلى باش ئەلچى روبېرت ۋۇد رۇسىيەنىڭ «خاتا ئۇچۇر» بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى يىغىننىڭ رۇسىيەنىڭ «قوشنىسىغا قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلغانلىقى»نى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنادىكى مەسىلىنىڭ «قورال ئېكسپورتى» مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋۇد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇكرائىنا ئىشغال قىلىندى. شۇڭا، ئۇ ب د ت نىزامنامىسىغا ئاساسەن، ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە. ئوخشاشلا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا تۆھپە قوشۇش ھوقۇقى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر