ئامېرىكا ئۇكرائىناغا دائىر «مەخپىي» ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارلىرىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «مەخپىي» ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

1971816
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا دائىر «مەخپىي» ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارلىرىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ گېربى يېزىلغان ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەخپىي» ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «مەخپىي» ھۆججەتلەر  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرى Twitter ۋە تېلېگرامما سەھىپىلىرىدە تارقالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سابرىنې سىنگى: «بۇ <مەخپىي> ھۆججەتلەرنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار، مىنىستىرلىقىمىز بۇنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ «مەخپىي» ھۆججەتلەر ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ راست ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر «مەخپىي» ھۆججەتلەردە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئانالىزلاردىن سىرت يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن ياردەملىرى ۋە بۇ ياردەملەرنى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار ئىكەن.

بۇ ھۆججەتلەردە ياردەملەرنىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەڭ پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. ئۇنىڭدا پەقەت ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ئېھتىياجلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

گەرچە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ راست ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قوۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى مەزمۇنلىرىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھۆججەتلەردىكى بىر بەتتە 16 مىڭدىن 17 مىڭ 500 غىچە رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇكرائىنانىڭ كەم دېگەندە 71 مىڭ 500 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى يېزىلغان.

بىراق ئامېرىكا مەنبەلىرىدە، ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يارىلانغان  رۇسلارنىڭ سانىنىڭ تەخمىنەن 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقى، ئۇكرائىنانىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر