يەمەندە يۈز بەرگەن  بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئادەم قازا قىلدى

يەمەننىڭ پايتەختى سانادا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا تۆت ئادەم قازا قىلدى.

1971550
يەمەندە يۈز بەرگەن  بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ ئاتالمىش ​​ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلخالىق ئەلئەجرىنىڭ يازما باياناتىدا، پايتەخت سانادىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى تەقىب ئاستىغا ئالدى. بۇ شەخسلەر تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى، ئاندىن ئاپتوبۇسنى پارتلاتتى. پارتلاش نەتىجىسىدە ئىككى زوراۋان بىلەن بىرلىكتە ئىككى پۇقرامۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر