خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىپ، قىبلە مەسجىدىكى جامائەتكە قىلغان زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1970835
خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى
almanya berlin israil tepki.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە «كىشىنى ئەندىكتۈرگۈچى» دەپ باھا بەردى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ: «باش كاتىپ، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قىبلە مەسچىتىدىكى زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرىگە <كىشىنى چۆچۈتكۈچى، ئەندىكتۈرگۈچى> دەپ باھا بەردى» دېدى.

يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ھازىرقىدەك بىر پەيتنىڭ زوراۋانلىق ئەمەس، تىنچلىق ۋاقتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۇجاررىك، ئىبادەت قىلىنىدىغان جايلارنىمۇ پەقەت تىنچ شەكىلدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت غا ئەزا ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرغان ئەرەب گۇرۇپپىسىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى جامائەتكە قاراتقان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مەسجىدى ئەقسادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ ئىيوردانىيە، پەلەستىن ۋە مىسىر بىلەن ماسلىشىپ، «دائىمىي ۋەكىللەر (21 دۆلەت)» دەرىجىلىك جىددىي يىغىن چاقىردى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان جىنايى قىلمشىلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

كۇۋەيت، لىۋان، ماراكەش، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىۋىيە، ئالجىرىيە ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

فىرانسىيەنىڭ قۇددۇستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىمۇ مەسجىدى ئەقسادىكى جامائەتكە قىلىنغان ھۇجۇمغا «ئەندىكتۈرگۈچى» دەپ باھا بەردى.

مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە مىڭلارچە كىشى مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى. مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشى ئىسرائىلىيەدىكى ئەرەب شەھەرلىرىدىمۇ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، مەسجىدى ئەقسادىكى جامائەتكە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

يۈزلەرچە ئىيوردانىيەلىك ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىيوردانىيە پارلامېنتىدىكى پەلەستىن كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى فايىز باسبۇسمۇ ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا يۈز بەرگەن ۋەقەگە بىلدۈرگەن ئىنكاسىنى «مەجبۇرلاش سەۋىيەسىدە ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا مەسجىدى ئەقسا ھۇجۇمىغا قارشىلىق بىلدۈرۈلدى؛ پەلەستىنلىكلەرنىڭ تارىخىي براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدىكى پارىسېر مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كرىستوفىر بۇرگېر، مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۈپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدردى.

ئامېرىكا (ئاقساراي) دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كۈچلۈك ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، زوراۋانلىقنى ئەيىبلىمەستىنلا تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋەتمەسلىككە چاقىردى.

بىر توپ يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ «پاسخا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىپ، قۇربانلىق قىلىش چاقىرىقىدىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا پەلەستىنلىك تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن مەسجىدى ئەقسا ئىچىدىكى قىبلە مەسجىدىگە كىرىۋالغانىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سوھۇر ۋاقتىدا مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىپ، قىبلە مەسجىگە كىرىۋالغانلارغا زوراۋانلىق قىلىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى «جەڭ مەيدانى»غا ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى بامدات نامىزدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر