يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ھەمكارلىقى ئورناتتى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G-7) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنىستىرلىرى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

1970252
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ھەمكارلىقى  ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى سودا مىنىستىرلىرى تور يىغىنىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىنى يولغا قويۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ مىكرو ئېلېكترون ۋە تورنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق «ھالقىلىق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلار»دىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا  ماي ئېيىدا خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر