ئىسرائىلىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ بىر كىشى قازا قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ نېتانيا شەھىرىدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ بىر كىشى قازا قىلدى.

1969932
ئىسرائىلىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ بىر كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدارىسى «قىزىل داۋىد يۇلتۇزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېتانيا شەھىرىگە قاراشلىق كىريات خاسارون كەنتىدە بىر تىك ئۇچار ئوچۇق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن.

جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بىر قانچىلىغان  يېرىدىن يارىلانغان 50 ياشلىق بىر ئەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر