ئېلون ماسك تۋىتتېرنىڭ لوگوسىنى ئالماشتۇردى
ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى تۋىتتېرنى سېتىۋالغان ئامېرىكالىق كارخانىچى ئېلون ماسك ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.
1969650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلون ماسك تۋىتتېرغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
ئۇ تۋىتتېرنىڭ لوگوسىنى دوجېكويىن (Dogecoin) غا ئالماشتۇردى. لوگو تۋىتتېر باش بېتىدە كۆرۈلگەندىن كېيىن، دوجېكويىننىڭ باھاسى %30 ئۆرلىدى.
بۇ توغرىدا شىركەت رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى. ئۇ ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېئودا، شىبا نەسىللىك ئىت ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تۇتۇۋالغان ساقچىغا پىراۋىسى (شوپۇرلۇق كېنىشكىسى) نى بېرىدۇ. پىراۋىدىكى كۆك قۇش رەسىمىنى «بۇ كونا رەسىم» دەيدۇ.