فلورىدا ئىشتاتىدا قورال ئېلىپ يۈرۈش قانۇنى تەستىقلاندى

فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى رون دېسانتىس (Ron DeSantis) قانۇنلۇق سېتىۋالغان قوراللارنى مەخسۇس ئېلىپ يۈرۈش ئىجازەتنامىسى تەلەپ قىلمايدىغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1969519
فلورىدا ئىشتاتىدا قورال ئېلىپ يۈرۈش قانۇنى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان فلورىدا ئىشىتاتى ۋالىيسى رون دېسانتىسنىڭ، قانۇنلۇق سېتىۋالغان قوراللارنى مەخسۇس ئېلىپ يۈرۈش ئىجازەتنامىسى تەلەپ قىلمايدىغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، فلورىدا ئىشتاتىدا قانۇنلۇق قورالغا ئىگە بولغانلارنىڭ قورالىنى ئېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن ئايرىم ئىجازەتنامە ئېلىشىغا كېرەك بولمايدىكەن. قانۇن لايىھەسى رامكىسىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا قورال ئېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە ۋە ئەتراپلىق جىنايى ئىشلار خاتىرىسىمۇ تەلەپ قىلىنمايدىكەن.

بۇ قانۇننىڭ 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى پەرەز قىلىنماقتا.

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر (Karine Jean-Pierre) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دېسانتىسنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ فلورىدا ۋالىيسى دېسانتىسنىڭ «ئېچىنىشلىق» مەكتەپ ھۇجۇمىدىن كېيىنلا مەخپىي قورال كېنىشكىسى ئېلىش ئېھتياجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قانۇن لايىھەسىنى «ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا» ئىمزالىشىنىڭ «نومۇسسىزلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق قەدەم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ئىشتاتتا ئىلگىرى يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملارنى خاتىرىلىتىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ قورالسىزلىنىش قانۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ئىشتات دەرىجىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر