رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ كوستىيانتىنىۋكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق كوستىيانتىنىۋكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا ئالتە پۇقرا قازا قىلىپ، سەككىز پۇقرا يارىلاندى.

1968683
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ كوستىيانتىنىۋكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندرېي يېرماك تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق كوستىيانتىنىۋكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندرېي يېرماك ھۇجۇمدا 16 تۇرالغۇ بىناسى، سەككىز ئۆي، بىر يەسلى ۋە نۇرغۇن بىنالارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە قىسىملىرى كوستىيانتىنىۋكانى قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر