قاراتاغدا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

قاراتاغدا خەلق  8 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بېلەت تاشلىدى.

1968480
قاراتاغدا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلىغۇچىلار 19-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن قاراتاغ سوتسىيالىست دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەۋجۇت پىرېزىدېنتى مىلو دجۇكانوۋىچنى ياكى ياۋروپا ھەرىكىتىدىن جاكوۋ مىلاتوۋىچنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدۇ.

تىزىملاتقان 542 مىڭ 154 سايلىغۇچى شۇ جاي ۋاقتى 07.00-20.00 دە پۈتۈن مەملىكەتتە قۇرۇلغان 1162 بېلەت ساندۇقىدا بېلەت تاشلايدۇ.

سايلام نەتىجىلىرىنىڭ مۇستەقىل كۆزىتىش ۋە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، قاراتاغدا پىرېزىدېنت ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر