پەلەستىن: ئەزەربەيجاننىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئېچىش قارارىدىن خۇرسەنمىز

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ئەزەربەيجاننىڭ پەلەستىندە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئېچىش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1967988
پەلەستىن: ئەزەربەيجاننىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئېچىش قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن راماللاھتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ ئەزەربەيجاننىڭ ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە ئاساسلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىسى ۋە شەرقىي قۇددۇس پايتەختى بولغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ بىر يىل ئىچىدە پەلەستىندە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى بولسا، «ئىسرائىلىيە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ۋە ئىرقچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان مۇستەملىكىلىك، پەلەستىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈشتەك ئىشغال قىلىش لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن.

ئەلمالىكى ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئېچىلىشى ئۈچۈن پەلەستىنگە قىلىدىغان زىيارىتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ قارار ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، پەن- تەتقىقات ۋە تەرەققىيات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.»

ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانانىڭ ئەلچىخانا سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر