ياۋروپا ئۇكرائىنالىق بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان بالىلارنىڭ تېپىلىشى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

1967416
ياۋروپا ئۇكرائىنالىق بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 23-24-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئورتاق ئېلىم-سېتىم ۋە 1 مىليون زەمبىرەك ئوقى تەمىنلەش پىلانلىرىدىن باشقا، تېخىمۇ سىجىل قوللاش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر قوللايمىز. يىغىنىدا رەھبەرلەر ئۇكرائىنا كۈنتەرتىپى بويىچە مۇزاكىرە قىلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى- رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان بالىلار» دېدى.

ئۇ 16 مىڭ 200 بالىنىڭ ئۇكرائىنادىن تۇتقۇن قىلىنىپ رۇسىيەگە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ بالىلار ئائىلىلىرى ۋە بالىلىقىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ئەگەر بىز بۇ ئىشنىڭ پىيىدە بولمىساق، يەنى بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ بولمىساق ئۇ بالىلار كېلەچىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ» دېدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ 18-مارت ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر رامكىسىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە رۇسىيە بالىلار ھوقۇقى كومىسسارى مارىيا ئالېكسېيېۋنا لۋوۋا-بېلوۋا ئۈستىدىن ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر قارار بىلەن پۇتىننىڭ دۇنياسى يەنە بىر ئاز كىچىكلىدى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارسا، تۈرمىگە كىرىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ. بىز چوقۇم رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان بالىلارنىڭ قەيەردىلىكىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئائىلىلىرىگە ئەكىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر