پەن - تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئىدراك مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ خەۋپلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

پەن – تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئىدراك مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رىقابىتىنىڭ خەۋپلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1967553
پەن - تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئىدراك مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ خەۋپلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق پەن- تېخنىكا كارخانىچىسى ئېلون ماسكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ئىمزا قويغان سۈنئىي ئىدراكغا قارشى ئوچۇق خەت، لوندوندىكى كەلگۈسى ھاياتلىق تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

مەكتۇپتا، «كۈچلۈك سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىنى توغرا، بىخەتەر، چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان، ئوچۇق - ئاشكارا، پۇختا، ماسلىشىشچان، ئىشەنچلىك بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەسىرىنىڭ ئىجابىي بولىدىغانلىقىغا ۋە خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگىنىمىزدىلا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئېلون ماسك، ئالما شىركىتىنىڭ خوجايىنى ستىۋ ۋوزنىياك ۋە مەشھۇر دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسانىيەت تارىخشۇناسى يۇۋال نوھ ھارىرى قاتارلىق تونۇش زاتلارمۇ بار.

خاتا ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشى، مەكتۇپتا تەكىتلەنگەن سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق ئەندىشىلەرنىڭ بىرى.

سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن  GPT 4 ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرىنىڭ  «ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن ۋە دەلىللەشكە بولىدىغان» بولۇشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغا مەكتۇپتا: «ئەگەر بۇ خىل ۋاقىتلىق توختاش تېز سۈرئەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلمىسا، ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئارىلىشىپ توختىتىشنى باشلىشى كېرەك» دېيىلدى.

ماسك ئۇزۇندىن بۇيان سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەتىر ىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ پەيتنىڭ 2025- يىلى يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ماشىنا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئىنسانلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلارنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر