ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى بلىنكېننى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دوكلات توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە چاقىرتىلدى.

1966753
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى بلىنكېننى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى مايكىل ماككول ئانتونى بلىنكېننى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ «ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى.

جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل كومىتېتنىڭ رەئىسى ماككول بلىنكېندىن «2021- يىلى 7 - ئايدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلار تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن <ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقانلىقى> توغرىسىدىكى مەخپىي دوكلات ھەققىدە كومىتېتقا مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ماككۇل «بۇ ھالقىلىق ھۆججەتنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ياخشى نىيەت بىلەن ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكلىرى» نى تىلغا ئېلىپ، بلىنكېن بۇ چاقىرىقلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولغاچقا، تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ 2001- يىلى 7 - دېكابىر باشلانغان ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتى ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2021- يىلى 31- ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان ئافغانىستانلىقلارنىڭ تاشلاپ قويۇلۇشى ئامېرىكا جامائەتچىلكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر