رۇسىيە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ نى مەقسەت قىلغان «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»گە دائىر پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1966771
رۇسىيە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ <قىتئەلەر ئارا يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى تىزگىنلەش>نى مەقسەت قىلغان «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»گە دائىر پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكىلىقلار بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا ئورنىتىلغان ھېچقانداق ئالاقە يوق» دېدى.

لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا ئامېرىكالىقلار بىلەن ئورنىتىلغان ھېچقانداق ئالاقە يوق. ئۇلار بىزگە ئۇلتىماتوم يوللاش ئارقىلىق قارارىمىزغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىش ھوقۇقىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىي جەھەتتىن ئەھمىيەتسىز قاراشلار» دېدى.

لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر پىرىنسىپلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداش تىرىشچانلىقى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۆزئارا ئىشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىدە كۆرسىتىلگەن دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ھەق - تەلەپ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى — دۆلەت دۇماسى 22- فېۋرال يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر