ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىغا «Tu-141 Strij» تىپلىق ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1965495
ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇلا رايونىغا قايلاشقان كىرېيېۋسك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىغا ئىشارە قىلىنغان ھالدا: «كىيېۋ ھۆكۈمىتى <Tu-141 Strij> تىپلىق ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى» دېيىلدى.

باياناتتا، تۇلا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «S-300» ۋە «Pantsir-S1» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى، «Pole-21» ئېلېكترونلۇق ھەربىي سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا قوغداش خىزمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى تەكىتلەندى. بولۇپمۇ، «Pole-21» ئېلېكترونلۇق ھەربىي سىستېمىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قوراللىق ئۇچقۇسىنىڭ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئوڭۇشلۇق چەكلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويغان ئۇچقۇ تۇلا رايونىغا قاراشلىق كىرېيېۋسك شەھىرىگە چۈشتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ھەربىي قىسىملار ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى تەكشۈرمەكتە.»

پايتەخت موسكۋاغا 220 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇلا رايونىدىكى كىرېيېۋسك شەھىرىدە تۈنۈگۈن (26-مارت) شۇ يەر ۋاقتى 15:19 ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتا، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۈچ تۇرالغۇ بىناسى ۋە بەزى ئىسكىلاتلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇرۇش ۋە چارلاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن « Tupolev Tu-141 Strij » تىپلىق ئۇچقۇ، 6 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچالايدۇ، سائىتىگە 1110 كىلومېتىر تېزلىكتە 1000 كىلومېتىر مۇساپە باسالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر