كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا، ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1965752
كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خالىد زەدران ئادەم بومبىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جايلاشقان كوچىنىڭ كىرىش قىسمىدىكى كونترول نۇقتىسىغا يېقىنلاشقاندا خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئادەم بومبىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدا ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۈچ تالىبان ئەزاسى ۋە بىر قانچە پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كابۇلنىڭ ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىنىڭ تور بېتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تالىبان ھازىرغىچە پارتلاش توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى. 11-يانۋارمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىرىش قىسمىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر