يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانائىيا ماخۇتا خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

1964981
يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ماخۇتا بىلەن چىن گاڭنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەت ئەسناسىدا، چىن گاڭ ئۆتكەن يىلى خىتاي - يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنىڭ تەبرىكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جەرياندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن چىن گاڭ، يېڭىلانغان ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە رايون خاراكتېرلىك كۆپ تەرەپلىك ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىدا پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىنىستىرى ماخوتا دۆلىتىنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا سادىق ئىكەنلىكىنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئوخشىمىغان ساھەدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماخۇتا ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر