خاررىس ئافرىقادىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا خاررىس 26-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە گانا، تانزانىيە ۋە زامبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

1964927
خاررىس ئافرىقادىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامالا خاررىسنىڭ ئافرىقا زىيارىتى ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ  ئافرىقا قىتئەسىگە قاراتقان بۇ يىلقى بەشىنچى قېتىم زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

خاررىسنىڭ گانا پىرېزىدېنتى نانا ئاكۇفو-ئاددو، تانزانىيە پىرېزىدېنتى سامىيا سۇلۇخۇ ھاسسان ۋە زامبىيە پىرېزىدېنتى ھاكايندې ھىچىلېما بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.

خاررىس مەزكۇر دۆلەتلەردىكى خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋىي ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، ئايال كارخانىچىلار، ياشلار ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

خىتاينىڭ ئافرىقادىكى تەسىرىمۇ خاررىسنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئۇ يەنە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر