ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا كىيېۋدا زىيارەتتە بولدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئونىڭ كىېيۋ زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1963409
ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا كىيېۋدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، كىيېۋدا «خەلقئارا تەرتىپنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ۋە ئۇكرائىنانىڭ كونا دوستى» باش ۋەزىر كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا: «باش ۋەزىر كىشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ مۇددىئاسى ۋە پىرىنسىپلىرىنى، ئومۇمەن خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن دۇنياۋى رەھبەرلىكنى ئاكتىپلاشتۇرۇش مۇھىم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇكرائىناغا كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى باش ۋەزىر كىشىدانىڭ ماي ئېيىدا خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇكرائىنادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئۇ پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا بېرىپ، پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇسز موراۋىئېكى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر