خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزدى

2022-يىلى 24-فېۋرالدىن تارتىپ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بىلەن تەخمىنەن 15 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمى تۈزدى.

1963327
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەشكىلات  ۋەكىللەر ھەيئىتى ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 ئايلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تېخنىكىلىق سەۋىيەدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن گاۋىن گرەي (GavinGray) باشچىلىقىدىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋەكىللەر ھەيئىتىنىڭ 8-مارتتىن 15-مارت كۈنلىرى پولشا پايتەختى ۋاراشاۋادا ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن تۆت يىللىق ئىقتىسادىي پىروگرامما توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى خاتىرىلىتىلدى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسىنىڭ تەخمىنەن 15 مىليارد 600 مىليون دوللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي پىروگراممىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە مۇدىرىيەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە باھالىشىدىن ئۈمىد بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن (Janet Yellen) ئۇكرائىنا بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان يېڭى ئىقتىسادىي پىروگرامما ھەققىدە تۈزۈلگەن كېلىشىم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇۋاپىق ھالدا شەرت قويۇلغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى پىروگراممىسىنىڭ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چىرىكلىك خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە زۆرۈر ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات تىرىشچانلىقىنى قوللاشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ شېرىكلىرى تەمىنلىگەن ئىقتىسادىي ياردەمنىمۇ قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر