ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەگە 200 توننا خورما ياردەم قىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان 11 ۋىلايەتكە 200 توننا خورما ئەۋەتتى.

1963023
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەگە 200 توننا خورما ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11  ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر تۈركىيەگە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رامىزان باشلىنىش ھارپىسىدا، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان 11 ۋىلايەتكە 200 توننا خورما ئەۋەتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساني ئەززاھىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنى قوللىغانلىقىنى، ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زاھىرى مۇنداق دېدى: «بىز ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز. رامىزان باشلىنىش ھارپىسىدا تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا 200 توننا خورما ئەۋەتتۇق. بۇ خورمىلار بېسىلغان 11 يۈك ئاپتوموبىلى غازىئانتەپ ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى. بۇ خورمىلار يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيەدىكى 11 ۋىلايەتكە ئەۋەتىلىدۇ، ھەمدە 11 ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى بىلەن ماسلىشىپ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر