ئەمىنە ئەردوغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 21 – مارت نورۇز بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1963022
ئەمىنە ئەردوغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «باھار كەلگەن ھامان زېمىن يامغۇر بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ، قوياش چاقنايدۇ، تەبىئەت مىڭبىر تۈرلۈك يېشىللىققا پۈركەنگەن ھالدا ئويغىنىدۇ. 21 – مارت نورۇز بايرىمى كۈنى بولسا ئەنە شۇ باھارنىڭ ئويغانغانلىقىنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. دەرۋەقە، نورۇز بايرىمى ئۈمىدنىڭ، شىپالىقنىڭ سىمۋولىدۇر. باھار بىلەن بىرلىكتە ئازاب  - ئوقۇبەتنىڭ ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە خۇشاللىققا ئايلىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر