شىمالىي كورېيەدە يۈز مىڭلارچە كىشى ھەربىي سەپكە كىرىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردى

كورېيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا.

1962964
شىمالىي كورېيەدە يۈز مىڭلارچە كىشى ھەربىي سەپكە كىرىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىدە ھەربىي سەپكە كىرىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەگە قارشى يادرو ھۇجۇمى قىلىش سېنارىيەلىك ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن رايوندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولدىن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ مانېۋىرنى «تاجاۋۇزچىلىق نىشان قىلىنغان مانېۋىر» دەپ ئاتىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر