پولشادىكى ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
20-مارتقىچە، ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان (2022-يىلى 24 – فېۋرال) دىن بۇيان ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرى پولشاغا تۈركۈم – تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىغان.
پولشاغا پەقەت تۈنۈگۈنلا (19-مارت) ئۇكرائىنادىن 23 مىڭ 900 كىشى كىرگەن بولۇپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
پولشادىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى بولسا 8 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن.
پولشادا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ دۆلەتتىكى% 81 كىشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن پولشاغا كەلگەن مۇساپىرلارنى قوللاش كېرەك دەپ قارايدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى 40 تىن ئارتۇق نىشاننى ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلىدى.