كامېروندا  بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا ئالتە ئادەم قازا قىلدى

كامېروننىڭ يىراق شىمالىي رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1962317
كامېروندا  بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا ئالتە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئەزالىرى يىراق شىمالىي رايوندىكى دجىبرىللى يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئالتە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە 2000 -يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ 2009-يىلىدىن بۇيانقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بوكو ھارام  2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى قوشنىلىرى بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەرگە پات – پات ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.

خەلقئارا كىرىزىس تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوكو ھارامنىڭ 2014- يىلىدىن بۇيانقى يىراق شىمالىي رايونغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3000 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان، 250 مىڭغا يېقىن كىشى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر