ھوندۇراسنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى جاكارلىشى، ئامېرىكانى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

ھوندۇراس خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى كرىستوفېر دود (Christopher Dodd) ھوندۇراسنى زىيارەت قىلىدۇ.

1961138
ھوندۇراسنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى جاكارلىشى، ئامېرىكانى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ھوندۇراسنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش نىيىتىنى ئاشكارىلىشى، ۋاشىنگتوننى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ لاتىن ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى كرىستوفېر دودنى 17-21-مارت كۈنلىرى ھوندۇراس بىلەن پانامانى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان كرىستوفېر دودنىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، «ئالاھىدە ۋەكىل دود ھوندۇراستا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ زىيارەت، ئامېرىكانىڭ غەربىي يېرىم شاردا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىشنى، دېموكراتىيەنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەدىسىنى قوللايدۇ» دېيىلدى.

ھوندۇراس پىرېزىدېنتى سىيومارا كاسترو 14-مارت (2023) تۋىتتېر ئادرېسىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېدۋارد رېينانى، ھۆكۈمەت پىلانىغا ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ماس ھالدا چېگرانى ئەركىن كېڭەيتىش ئىرادەمنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە، خىتاي بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردىم» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەگەر ھوندۇراس خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتسا، يېقىنقى يىللاردا تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئۈزگەن، پاناما، سالۋادور، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە نىكاراگۇا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەر سېپىگە قوشۇلىدۇ.

ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزسە، تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر 13 كە چۈشۈپ قالىدۇ.

ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئافرىقادىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ «قەرز تۇزىقى» غا پېتىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر