پاكىستان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ئادىيامان ۋە شانلىئۇرفادىكى شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1960539
پاكىستان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف تېلېگراممىسىدا، ئىسلامئابادنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە پاكىستاننىڭ بۇ قىيىن كۈنلەردە تۈركىيەگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر