ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا، بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدىن تېپىلدى.
1960068
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ئەسكەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تېلېفون كەلگەنلىكىنى ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنا ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايدېر: «ساقچىلار ئەسكەرنىڭ ئاپتوموبىلىدا قازا قىلغانلىقىنى بايقىدى. ئارلىڭتون جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا. تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئورتاقلىشىدىغان باشقا تەپسىلاتلار يوق» دېدى.