ئوبرادور مېكسىكانىڭ ئامېرىكادىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مېكسىكا توغرىسىدىكى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى.

1959320
ئوبرادور مېكسىكانىڭ ئامېرىكادىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مېكسىكا توغرىسىدىكى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكاغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوبرادور ئامېرىكانىڭ مېكسىكاغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئەسەبىيلىكنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مېكسىكا ئامېرىكاغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر، مېكسىكادا بىخەتەر ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۆت ئامېرىكالىق مېكسىكا چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككىسى ساق-سالامەت ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەنىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ۋەقەدىن كېيىن مېكسىكا توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر