ئىراقنىڭ ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمى كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ئىراقتا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبلىك پەيدا بولغان كەلكۈندە، ئىراقنىڭ ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈكى بولغان داكۇك كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

1959519
ئىراقنىڭ ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمى كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك يولى ۋە كۆۋرۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى قاسىم ھەمزە كەركۈك-باغداد تاشيولىنى تۇتاشتۇرىدىغان داكۇك كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمىنىڭ شىددەتلىك يامغۇرنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاسىم ھەمزە بۇ لىنىيەدە نۇرغۇن كۆۋرۈكلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما داكۇك رايونىغا جايلاشقان ۋە بىر كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇقى بىلەن دۆلەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىغان داكۇك كۆۋرۈكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

قوش يۆنىلىشلىك كۆۋرۈكنىڭ 23 تۈۋرۈكى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان قاسىم ھەمزە، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە 5 تۈۋرۈكنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاسىم ھەمزە تۈۋرۈك بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كۆۋرۈكنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ئېغىر يۈك قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #كۆۋرۈك , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر