ئامېرىكادا نەپرەت جىنايىتى 2021 - يىلى تەخمىنەن %12 ئاشتى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان نەپرەت جىنايىتى نىسبىتى 2021 - يىلىدا ئىلگىرىكى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %11.6 ئاشقان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىقياسىدا رەسمىي دوكلات قىلىنغان نەپرەت جىنايىتى ۋەقەلىرىنىڭ 2020 - يىلدا 8120 ئىكەنلىكى ۋە 2021 – يىلدا 9655 كە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى جەمئىي 12 مىڭ 411 كىشى نەپرەت جىنايىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %64.5 ى ئىرقى، مىللىتى ياكى ئەجدادلىرى يۈزىسىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. %15.9 كىشى جىنسىي تاللاشلىرى سەۋەبىدىن ۋە %14.1 كىشى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن نەپرەت جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.
2021 - يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %43.2 ى تەھدىتكە، %35.5 ى ئاددەتتىكىچە ھۇجۇملارغا ۋە %20.1 ى ئېغىر ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.