رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ باھمۇت شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ باھمۇت شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1958732
رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ باھمۇت شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق كۈچلىرىنى لىمان، باھمۇت، ئاۋدىيىۋكا، مارىنكا ۋە شاھتېرسك يۆنىلىشىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن (12-مارت) دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق سىلوۋىيانسك شەھىرىنىڭ ئۇل -ئەسلىھەلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «دۈشمەن ئالتە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ۋە 20 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى» دېيىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باھمۇت شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مىنكىۋكا ۋە ئورىخوۋو-ۋاسىلىيېۋكا ئولتۇراق رايونىدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

دونېتسىك رايونىنىڭ بوخدانىۋكا، باھمۇت، چاسوۋ يار، كۇرديۇمىۋكا، درۇجبا ۋە مايورسك شەھەرلىرىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر