مولدوۋادا مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مولدوۋانىڭ پايتەختى كىشىنېۋدا مىڭلىغان كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1958696
مولدوۋادا مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پارلامېنتىدا ئورۇن ئالغان شور پارتىيەسىنىڭ تەشكىللىىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، مىڭلىغان كىشى قاتناشتى ۋە كىشىنېۋدىكى پارلامېنت مەيدانىدىن ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى.

يۈرۈشنى توسماقچى بولغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بەردى.

مولدوۋانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىنمۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت كىشىنېۋغا، ئاپتوبۇس بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن پۇقرالارنىڭ شەھەرگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشتا ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلار توۋلاندى ھەمدە تەبىئىي گاز، توك ۋە باشقا مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن يانۋار ۋە فېۋرالغا تەۋە توك ۋە تەبىئىي گاز ھەققىنىڭ ئېلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى كومراتتىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

مولدوۋا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، نامايىشتا  54 كىشىنىڭ يېنىدىن چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ چىققانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر