سەئۇدى ئەرەبىستان: پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شەرتسىز ۋىزا ئالالايدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان پارىس دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسپىي تەلەپسىز ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1957925
سەئۇدى ئەرەبىستان: پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شەرتسىز ۋىزا ئالالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئەھمەد ئەلخاتىب ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسپىي تەلەپسىز ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلخاتىب پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تۇرۇش كىنىشكىسى بار كىشىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆتكەن يىلى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بەزى سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر