ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ياردەم پاراخوتى پاكىستاندىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11  ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن  8200 قىشلىق چېدىر قاچىلانغان ئىككىنچى ياردەم پاراخوتى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

1957075
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ياردەم پاراخوتى پاكىستاندىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى
pakistan deprem yardim gemisi.jpg
pakistan yardim gemisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە يەتكۈزۈلىدىغان 65 كونتېينېر ئۆيگە 1221 توننا ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان پۇقراۋى يۈك پاراخوتى كاراچىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئىچىدە 8200 قىشلىق چېدىر بار 41 كونتېينېر ئۆي تۈركىيەگە، 15 مىڭ يېشىكلىك يېمەكلىك بار 24 كونتېينېر ئۆي سۈرىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

ياردەم پاراخوتىنىڭ 23- 24- مارت كۈنلىرى مەرسىن پورتىغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى  پات يېقىندا يۈك ئايروپىلانلىرى قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ،  تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدىكەن.

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان 1000 توننا ياردەم  بۇيۇملىرى قاچىلانغان پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى پاراخوتى 28-فېۋرال كاراچىدىن يولغا چىققانىدى.

پاكىستان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە 7000 قىشلىق چېدىر ۋە 33 مىڭدىن ئارتۇق ئەدىيال ئەۋەتكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەلخىزمەت فوندى، ئەھدى فوندى، بەيتۇسسالام پاراۋانلىق فوندى، سائىلانى پاراۋانلىق فوندى ۋە پاكىستان قىزىلئاي جەمئىيىتى تۈركىيەدە ھەر خىل ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر