ستولتېنبېرگ: تۈركىيە-فىنلاندىيە-شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش مۇھىم

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيە- شىۋېتسىيە-فىنلاندىيە دائىمىي ئورتاق مېخانىزم مۇساپىسىنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1956382
ستولتېنبېرگ: تۈركىيە-فىنلاندىيە-شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون بىلەن پايتەخت ستوكھولمدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

كىرىستېرسون بىلەن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا قوشۇلۇشىنى جەزملەشتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ: «بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز بولۇپ، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ يوللۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بار. ناتونىڭ ھېچبىر ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەدەك كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىدى. مەن شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى تېررورلۇق قانۇنىنى چىقىرىپ، ئەنقەرە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى تېزلىتىشىنى قارشى ئالىمەن» دېدى.

ئۇ يەنە، شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قورال ئېكسپورتى قىلىشقا ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنىمۇ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ستولتېنبېرگ ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 9-مارت بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ 2022 – يىلى 28 – ئىيۇن مادرىدتا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىمزالىغان كېلىشىمىگە ئاساسەن تەشكىللەنگەن «ئۈچ تەرەپ ئورتاق مېخانىزم يىغىنلىرى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ 7-ئايدا ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغىچە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ: «مەن بۇ يىغىندا قانداق قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېلان قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىمەن. ئەكسىچە بولغاندا،  سۆھبەت قىيىنلىشىدۇ. مۇھىمى سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ مۇساپىنىڭ قايتىدىن ئاكتىپلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر