كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ تېررورچىلارنىڭ مالىيە پائالىيەتلىرىگە ئەستايىدىل قارىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مالىيە پائالىيەتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1956411
كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ تېررورچىلارنىڭ مالىيە پائالىيەتلىرىگە ئەستايىدىل قارىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلف كىرىستېرسون پايتەخت ستوكھولمدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئۇ يىغىندا سۆزىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىگە يۆتكەپ، شىۋېتسىيەنىڭ ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مالىيە پائالىيەتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئەمدى بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. بىز پ ك ك غا پۇل توپلىغان كىشىلەرنىڭ ھەر خىل جىنايى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى پ ك ك نىڭ ئىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ» دېدى.

كىرىستېرسون 9-مارت شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا تېررورلۇققا قارشى يېڭى بىر جازا قانۇنىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «بۇ قانۇن ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كىرىش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇن 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ» دېدى.

كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈچۈن بۇ قانۇنغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا،ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللايدىغان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىغانىدى؛ ئەنقەرە نۆۋەتتە كېلىشىمدە ۋەدە قىلىنغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر