ئىران ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقاردى

ئىران ھەرىكەت ھالىتىدىكى دېڭىز ۋاسىتىلىرىنى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋە ئاۋاز سۈرئىتىدىن سەككىز ھەسسە تېز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1955880
ئىران ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇختەر باكىرى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى دېڭىز ۋاسىتىلىرىنى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئاۋاز سۈرئىتىدىن سەككىز ھەسسە تېز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ياسىلىشقا باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىران بۇنداق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.»

ئۇ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سۈرئىتىنىڭ ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى، مۇساپىسىنىڭ بولسا 1500 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

باكىرى ئىراننىڭ مۇنداق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بىخەتەرلىك رايونى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەمما ئۇ، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە سىناق قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر