مېكسىكادا تۆت ئامېرىكا پۇقراسى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

مېكسىكانىڭ ماتاموروس شەھىرىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تۆت ئامېرىكا پۇقراسىنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتتى.

1955351
مېكسىكادا تۆت ئامېرىكا پۇقراسى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتى بىلەن چېگرالىنىدىغان ماتاموروستا، ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان تۆت كىشىنىڭ مېكسىكاغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوققا تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «تۆت ئامېرىكا پۇقراسى قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن نەق مەيداندىن ئاپتوموبىلغا چىقىرىلىپ تۇتۇپ كېتىلدى» دېيىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار مۇكاپات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر