باڭلادىشتىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

باڭلادىشنىڭ كوكس بازار رايونىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى تۇرۇشلۇق پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 2000 چېدىر كۆيۈپ كېتىپ، 12 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

1955210
باڭلادىشتىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىملار دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى كوكس بازار رايونىغا چايلاشقان 11 - لاگېردا ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.  

ۋەقەدە، 2000 چېدىرنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە 12 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) ۋە دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسى قاتارلىق ياردەم تەشكىلاتلىرى يېمەكلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.

دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئوت ئاپىتى تاماق پىشۇرۇش جەريانىدا گاز سېلىندىرىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارالماقتا.

باڭلادىشتىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىدا ئىلگىرىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.

2021 - يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق چېدىر كۆيۈپ، 15 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى (2022) يانۋاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىمۇ ئولتۇراق رايونلار زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر