ئامېرىكادىكى بوران ئاپىتىدە كەم دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكادا نۇرغۇن ئىشتاتلارغا تەسىر كۆسەتكەن كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى.

1954945
ئامېرىكادىكى بوران ئاپىتىدە كەم دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاباما ئىشتاتىدا بوراننىڭ دەرەخلەرنى ئۆرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە ئۈچ كىشى قازا قىلدى. مىسسىسىپى ئىشاتىدىمۇ بىر كىشى ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستىگە دەرەخ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن  قازا قىلدى.

ئاركانزاس ئىشتاتىدىمۇ قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە بىر كىشى ئېقىپ كەتتى.

تېننېسسى ئىشتاتىدا كۈچلۈك بوراندا دەرەخلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى قازا قىلدى.

بوران ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن كېنتاكىيغا قاراشلىق ئۈچ ناھىيەدە ئۈچ كىشى قازا قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى (NWS) جۈمە كۈنى سائەتلىك سۈرئىتى 128 كىلومېتىرغا يەتكەن كۈچلۈك بوراننىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ بوران ئاپىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ھەمدە كېنتاكى، تېننېسسى ۋە مىچىگاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر