ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «چۆل بايرىقى 2023» ناملىق ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى باشلاندى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتناشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى«چۆل بايرىقى 2023» ناملىق ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى باشلاندى.

1954937
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «چۆل بايرىقى 2023» ناملىق ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى باشلاندى
col bayragi tatbikati.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا، مانېۋىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇفرا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا، مانېۋىرنىڭ قاتناشقۇچى دۆلەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەييارلىق قابىلىيىتىنى ياخشىلاش ۋە ھەربىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ھىندىستان ۋە فىرانسىيە قىسىملىرى قاتناشقان مانېۋىرنىڭ 17 - مارتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر