مالايشىيادا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى

مالايشىيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئۈچكە يەتتى.

1954557
مالايشىيادا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتكەن.

تەخمىنەن 35 مىڭ كىشى مالايشىيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا بەرپا قىلىنغان 128 جىددىي ياردەم بېرىش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مېتېرولوگىيە ئىدارىسى قارا يامغۇرنىڭ يەكشەنبە (5-مارت) كەچكىچە دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر