نىگېرىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت سايلاندى

نىگېرىيەدە 25-26-اېۋرال كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولا ئەھمەت تىنۇبۇ غەلىبە قىلدى.

1953170
نىگېرىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل دۆلەت سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەھمۇت ياقۇبۇ بايانات ئېلان قىلىپ، تىنۇبۇنىڭ 8 مىليون 794 مىڭ 726 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فېدېراتسىيە تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان نىگېرىيەدە، پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلش ئۈچۈن، پەيتەخت ئابۇجا ۋە 36 ئىشتاتنىڭ 24 دە %25 ئاۋازغا ئېرىشىش كېرەك.

تىنۇبۇ 12 ئىشتاتتا بىرىنچى بولدى، 18 ئىشتاتتا %25 ئاۋازغا ئېرىشتى. ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە 12 ئىشتاتتا بىرىنچى بولدى.

تەخمىنەن 206 مىليون نوپۇسى بار نىگېرىيەدە، بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنت سايلىمىغا 18 نامزات قاتناشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر