كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 25 ئۆسمۈر گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باس-ئۇلې ئۆلكىسىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار 7 سى قىز، جەمئىي 25 نەپەر ئۆسمۈرنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتتى.
1953189
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار باس-ئۇلې ئۆلكىسىگە قاراشلىق نامانگۇ، زاموي ۋە باندا يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
قوراللىقلار رايوندىكى ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 7 سى قىز، جەمئىي 25 ئۆسمۈرنى تۇتۇپ كەتكەن.
ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىكى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق يېزىلار ئۇزۇندىن بۇيان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.