خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۈركىيەگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى يوللىدى

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 6 – فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن تۈركىيەنى رېنتىگېن ۋە ھەر خىل كۆچمە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

1953162
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۈركىيەگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەيران قىلغۇچ يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن ئەۋەتىلىشى پىلانلانغان يۈرۈشلۈك جىددىي ياردەملەرنىڭ تۇنجى بۆلىكىنىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن كۆپلىگەن ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ بۇ جەھەتتە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنى قوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنجى تۈركۈم جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە رېنتىگېن ۋە باشقا كۆچمەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەگە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭمۇ ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باشلىقى رافائېل مارىيانو گروسسينىڭ قاراشلىرىغىمۇ  ئورۇن بېرىلدى.

گروسسي ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يۈك ئايروپىلانىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بەرگە تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ياردەملىرىنىڭ تۈركىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر