«3D سىستېمىسى شىركىتى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلەشتى

ئامېرىكا قورال-ياراغ سودىسى تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان «3D سىستېمىسى شىركىتى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە جەرىمانە تۆلەشكە قوشۇلدى.

1952568
«3D سىستېمىسى شىركىتى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2012-2018-يىللىرى ئارىلىقىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئىجازەتسىز ھالدا گېرمانىيە، تەيۋەن ۋە خىتايغا ئېكسپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «3D سىستېمىسى شىركىتى» بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چۈشىنىش ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش قانۇنى بىلەن خەلقئارا قورال-ياراغ سودىسى نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، شىركەتنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مىنىستىرلىققا 20 مىليون دوللار تۆلەشكە قوشۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ «3D سىستېمىسى شىركىتى» نىڭ ناسا ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تۈرلەرنىڭ تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى رۇخسەتسىز ھالدا خىتايغا يۆتكىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئىككى مىليون 770 مىڭ دوللار مەمۇرىي جەرىمانە تۆلەشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يەنە، شىركەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا 4 مىليون 540 مىڭ دوللار مەمۇرىي جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر