بايدىن خىتايغا رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىرە ئېغىر ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە ئاللاقىدار سوئالغا جاۋاب بەردى.

1951525
بايدىن خىتايغا رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىرە ئېغىر ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ئۆزىنىڭ بۇنى تەخمىن قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنداق تەمىنلەش بولغان تەقدىردە خىتايغا «ئېغىر ئىمبارگولار» بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ، 2022 - يىلى 24 – فېۋرالدىن بېرى رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ھازىرقى باسقۇچتا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى ياردىمى بېرىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.

«ABC News» قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا بايدىندىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە سوئال سورالدى.

بايدىن ئامېرىكادىكى تەجرىبىلىك ھەربىي مەسئۇللار ئۇكرائىناغا كېرەكلىك دەپ قارىغان ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر ئۇلارنىڭ تانكا، زەمبىرەك ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە ئېھتىياجى بار» دېدى.

بايدىن ھازىر ئۇكرائىنانى ئېھتىياجلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئۇلارنى بۇ يىل باھار، ياز ۋە كۈز پەسلىگىچە ياخشى ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى يوللىدۇق، ھازىرچە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىمىز. ھەربىي مەسئۇللارنىڭ قارىشىچە ھازىرچە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. شۇڭا بۇنى ھازىر تاللاش سىرتىدا قويۇپ تۇرىمىز» دېدى.

بايدىن خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە ئاللاقىدار سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇنى تەخمىن قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنداق تەمىنلەش بولغان تەقدىردە خىتايغا «ئېغىر ئىمبارگولار» بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر